شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:53

    (2011 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (35 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى›› 2011 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2011 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئابۇنىچىلار ۋە پوچتاكارخانىسى، تېز يەتكۈزۈش كارخانىسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، پوچتىچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى پوچتىچىلىق يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنىسۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىشمەخپىيىتىگە ھەر قانداق باھانە، سەۋەب بىلەن چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يوللانما ۋە پېرېۋوت پۇلىنى تەكشۈرۈشىگە، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.