ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىنى باشقۇرۇش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:53

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹ئۆلچەش –سىزىش نەتىجىسىنى باشقۇرۇش نىزامى››نى يولغا قويۇش چارىسى170–نومۇرلۇق

    ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 24 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنى 2011 – يىل 26 – ئىيۇل ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىنى باشقۇرۇش نىزامى>;نى يولغا قويۇش چارىسى››نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011 – يىل 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

     ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2011 – يىل 10 – ئاۋغۇست1 – ماددا بۇ چارە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىنى باشقۇرۇش نىزامى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىز مەمۇرىي تەۋەسىدە ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ساقلاش، پايدىلىنىش، مەخپىيەتلىك ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش ۋە مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرۈش ھەم ئېلان قىلىشتا بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆلچەش – سىزىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ شىنجاڭئۇيغۇرئاپتونومرايونلۇقخەلقھۆكۈمىتىنىڭپەرمانى

    ئۆلچەش – سىزىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى(تۆۋەندە ھەممىسى ئۆلچەش – سىزىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېيىلدى) مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىنى نازارەت قىلىپباشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلارمەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، ئالاقىدار ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    4 – ماددا ئۆلچەش – سىزىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئۆلچەش – سىزىشمەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋە مەخپىيەتلىك ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا يوللىشى كېرەك.

    مەخپىيەتلىك ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆلچەش – سىزىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى ھەم مەخپىيەتلىك ساقلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.