شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:53

    (2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنىدا ماقۇللانغان؛ 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى30– يىغىنىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

    (2001–يىل7–ئاينىڭ29–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى(لايىھە)››نى قاراپ چىقىپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى››غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    1 . 8 – ماددىنىڭ (3) تارماقچىسى مۇنداقتۈزىتىلدى: ‹‹خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمى، كېسىمى، مۇرەسسەنامىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ قارارى، مۇرەسسەنامىسى ۋە ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش ھەققىدىكى قارارى قاتارلىقلار بولسا؛

    (4) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: (4) بۇ نىزامنىڭ 38 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇپ، تىزىم ئۆزگەرتىلگەن بولسا››؛

    بىر تارماق قوشۇلۇپ، 8 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئالاقىدار ئورتاق ئىگىدارلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئورتاق ئىگىدارلىق خاراكتېرى ياكى ئورتاق ئىگىدارلىق ئۈلۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئورتاق ئىگىدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ئورتاق ئىگىدارلاردىن ئۆز ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى ئايرىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ››.

    2 . 11 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى مۇنداقتۈزىتىلدى: ‹‹تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئېلاننى شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ۋە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئېلان تاختىسدا چىقىرىشى كېرەك، ئېلان ۋاقتى 15 كۈن بولىدۇ››.

    3 . 14 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئۆي ئىچى تام بىلەن ئايرىلمىغان، ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىسى بار ئۆينى ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ ياكى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، دەپ تىزىملاش كېرەك؛ تۆت تەرىپى مۇقىم بەلگە بىلەن ئايرىلىپ، ئۆي پاسىلىنى ئۆي تىزىملىك خەرىتىسىدە سان – سىپىر بىلەن ئىپادىلىگىلى ھەمدە ئايرىم ئىشلەتكىلى بولسا، ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تىزىملانسا بولىدۇ››.

    4 . 25 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بويىچە ھوقۇقدارغا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك؛ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەنيەرنىڭ نومۇرىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. تۇنجى تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى، قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ خەرىتىسىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك››.