شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:53

    (1998–يىل 9–ئاينىڭ 25–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق9–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ5 –يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004–يىل 3–ئاينىڭ26 –كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ8 –يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2012–يىل1 –ئاينىڭ5–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومرايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ33–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەتچىلەر، ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ساياھەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، ساياھەت تىجارىتى قىلىش ۋە ساياھەتچىلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا، شۇنىڭدەك ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ. قانۇن– نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىشۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    3 – ماددا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىش، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكى پىرىنىسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

    4 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىكنى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى قىلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە كەسىپ تەرەققىيات سىياسىتى تۈزۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلىشى؛ ساياھەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ساياھەت تەرەققىياتى جەريانىدىكى چوڭ– چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك بىلەن ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ساھە بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، ساياھەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

    6 – ماددا ساياھەت ساھە جەمئىيىتى ساھە تەلەپچانلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساھە سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    7 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ساياھەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ھەم مۇكاپاتلايدۇ.