شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزىمىنى يولغا قويۇش قائىدىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  دانىشمان تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:10:48

    1-ماددا بۇ قائىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىز شەھەر-يېزىلىرىنىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئىشلىرىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ « سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ ‹سۇ قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»گە ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

    2-ماددا ناھيىە دەرجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئۆزىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش رايونى دائىرىسىدىكى سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۇزۈمىنى يولغا قويۇش ئىشلىرنىى تەشكىللەش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى (جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى) مۇشۇ قائىدىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ سۇ بايلىقىنى باشقۇرىدۇ.

    3- ماددا ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە سۇ ئىنشائاتلىرىدىن ياكى ماشىنىلىق سۇ ئېلىىش ئۈسكۈنىرىدىن پايدىلىنىپ يەر ئاستى، دەريا ۋە كۆللەردىن سۇ ئالىدىغان بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەر سۇغا مەسئۇل تارماقتىن سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلىندۇ، سۇ بايلىغى ھەققى تاپشۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە سۇ ئالىدۇ .

    4-ماددا ئائىلە تۇرمۇشىغا، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى سۇ غىرىشقا سۇ ئالىدىغانلار ۋە ئادەم كۈچى (چارۋا كۈچى) بىلەن سۇ ئالىدىغانلار سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلمىسۇمۇ بولىدۇ.

    5-ماددا يېزا ئىگىلىگىدە قۇرغاقچىلىققا جىددىي تاقابىل تۇرۇش، كان قۇدۇقى قاتارلىق يەرئاستى قۇرۇلىشىنىڭ بىخەتەرلىگىگە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ياكى جامائەت مەنپەئەتىگە بولغان زىيانلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن سۇ ئېلىشقا توغرا كەلسە، سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلمىسمۇ بولىدۇ.

    6-ماددا سۇ ئېلىشقا ئىجازەت بېرىش ۋادا ياكى رايۇننىڭ ئۇنۋېرسال پىلانى، ئاپتونۇم رايۇن ۋە جايلارنىڭ سۇ ئىشلىتىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەلىپى ۋە تەمىنلەش پىلانىغا ئەمەل قىلىش ھەمدە تەستىقلانغان سۇ تەقسىمات لايىھىسى ياكى كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

    7-ماددا ئېلنىىدىغان يەر ئاستى سۈيىنڭ يىللىق ئومۇمى مىقدار، قۇدۇقلارنىڭ ئومۇمى جايلىشىىشى ۋە ئېلىندىغان سۇنىڭ قاتلام گورىزونتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق گېئولوگيىە-كان مەھسۇلاتلىرىغا مەسئۇل تارماق بىرلىشىپ بېكىتىدۇ، شەھەرنىڭ ئومۇمى پىلانى رايونى ۋە بىڭتۈەنىنڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى يەنە شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ۋە بىڭتۈەننىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىلىكتە بېكىتدۇ.