شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش - كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى»نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  دانىشمەن تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:10:48

    (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 109 - نومۇرلۇق

    بۇيرۇقى بىلەن ئېلان قىلىندى)

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددا بۇ تەپسىلىي قائىدە «شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش - كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى» )تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ(نى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

    2 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانى دائىرىسىدىكى دۆلەت يېرىدە ئۆي چېقىش - كۆچۈرۈش ھەمدە ئۆيى چېقىلغانلار ۋە كۆچۈرۈلگەنلەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بۇ تەپسىلىي قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

    بۇ تەپسىلىي قائىدىدە ئېيتىلغان ئۆي چېقىش - كۆچۈرۈش ئۆي چاققۇچىنىڭ ئۆيى چېقىلغۇچىلارنى ئۆي چېقىش - كۆچۈرۈش جەھەتتە سەپەرۋەر قىلىش، چېقىش - كۆچۈرۈش، تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەشكىللەش، ئۇنى يولغا قويۇش، ئۆي ۋە ئۆينىڭ قوشۇمچە قۇرۇلمىلىرىنى چېقىشقا تەشكىللەش قاتارلىق ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ تەپسىلىي قائىدىدە ئېيتىلغان ئۆي تۈرلۈك ئۆي - ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن تۇرۇبا يوللىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ تەپسىلىي قائىدىدە ئېيتىلغان ئۆي قوشۇمچە قۇرۇلمىلىرى ئۆيگە ئىشلىتىلگەن يەردىكى بىنا، قۇرۇلما ۋە قىممەتكە ئىگە باشقا قوشۇمچە قۇرۇلمىلارنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش - كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

    ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك)خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۆي چېقىش - كۆچۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش - كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش - كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار يەر باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    4 - ماددا ئۆي چاققۇچى، كۆچۈرگۈچى ئۆي چېقىش - كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، «نىزام»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى، چېقىش - كۆچۈرۈش پىلانى ۋە لايىھىسىدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئېنىق يېزىشى كېرەك:

    (1) قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

    (2) چېقىش - كۆچۈرۈش دائىرىسى، ئۇسۇلى، كۆچۈرۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت ۋە چېقىش - كۆچۈرۈش مۆھلىتى؛

    (3) چېقىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئەھۋالى؛