شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈتچىلىك نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:05:23

    (2003 – يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 – يىل 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنىدا تۈزىتىلگەن، 2011 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى (41–نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈتچىلىك نىزامى›› 2011 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2011 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاپتونوم رايونىمىز سۈتچىلىكىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى››، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان سۈتچىلىك سېغىن چارۋا بېقىش، خام سۈت ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش شۇنىڭدەك سۈت ياسالمىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوراش – قاچىلاش، سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نىزامدا ئېيتىلغان سۈت خام سۈت ۋە سۈت ياسالمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    3 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىش كېرەك.

    4– ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇپ، شۇ جاينىڭ بايلىق شارائىتى ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۈتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، سۈتچىلىك كەسپىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەسىللىك سۈت چارۋىسىنى كۆپەيتىشكە مەدەت بېرىشى، سۈتچىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى لازىم.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە، يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹سۈت سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە سۈتچىلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئادا قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز قارىمىقىدىكى سۈتچىلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش بۇنىڭ سىرتىدا.