شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  يېزا ئىگىلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:59:06

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    168 - نومۇرلۇق

    2011 - يىل 22 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 21 - يىغىنىدا <<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى>> مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، بۇنى ئېلان قىلدىم. 2011 - يىل 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى: نۇربەكرى

    2011 - يىل 30 - ئاپرېل

    1 - ماددا بۇ چارە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر ۋە نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى>> ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

    2 - ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 - ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگە (سۇ باشلاش تۈگۈنى)، سۇغىرىش (سۇ چىقىرىش) ئۆستىڭى، مۇداپىئە دامبىسى، موتورلۇق (ئېلېكتىرلەشكەن) قۇدۇق، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇغىرىش پونكىتى، سۇ بېرىش (چىقىرىش) تۇرۇبا يولى، كارىز، توسما كۆل، تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا سۇچىلىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گېدرولوگىيەلىك مىقدار ھېسابلاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    4 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەۋەلىكىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر ۋە نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىلغار پەن - تېخنىكا، ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە قوللىنىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

    5 - ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم.

    تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، زېمىن بايلىقى، قاتناش - تىرانسپورت ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

    6 - ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى توسۇش، شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.