شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  دانىشمەن تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:58:53

    1988 – يىل 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇللانغان

    2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى(3 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى، ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مىللەتلەرنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايون توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ.

    مەجبۇرىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن قوبۇل قىلىدىغان مائارىپ، دۆلەت جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر.

    مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە پارچە خىراجەت ئېلىنمايدۇ.

    3 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك يېتىلدۈرۈپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش شەرت.

    4 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا قوش تىلدا ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن قوش تىلدا ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.

    5 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرى ھەمكارلىشىپ يولغا قويىدىغان تۈزۈلمە يولغا قويۇلىدۇ.