شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى›› نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:59:06

    (2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30– يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (39 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىكمۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئوتلاقنى پىلانلاش، قوغداش، بەرپا قىلىش، پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ئوتلاق تەبىئىي ئوتلاق ۋە سۈنئىي ئوتلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    تەبىئىي ئوتلاق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە يېرىم چاتقالدىن شەكىللەنگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلار ئۆسىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ؛ سۈنئىي ئوتلاق تېرىش، سۇغىرىش قاتارلىق يول بىلەن ياخشىلانغان ئوتلاق، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇلغان يەرنى كۆرسىتىدۇ، شەھەر– بازارلاردىكى چىملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

    4 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ھەمدە ئوتلاق باشقۇرۇش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. كونكرېت خىزمەتكە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپارات مەسئۇل بولىدۇ؛ لېكىن، مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرى ئۇنىڭغا كىرمەيدۇ.

    زېمىن بايلىقى، ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، سۇچىلىق، مۇھىت ئاسراش، ساياھەت تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.