شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:45:31

    (2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (38 – نومۇرلۇق)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەتبىخەتەرلىكى قانۇنى›› نى يولغا قويۇش چارىسى 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 10 –ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 –كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جامائەتنىڭ تېنىنىڭساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن– نىزاملارغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە ۋە تارماق بويىچە مەسئۇل بولۇشتۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئاساسىي مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ؛ كەڭ تەشۋىق قىلىش بىلەن كەڭ سەپەرۋەر قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس ئاپپاراتنازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بىلەن ساھە تەشكىلاتى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ تەلەپچانلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىش بىلەن مەجبۇرىي يولغا قويۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسى، پىرىيوم قىلىپتەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيەدىن كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى (تۆۋەندە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى دېيىلىدۇ) ئىش تەقسىماتى بويىچە،ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى خىزمىتىگە مەسئۇلبولىدۇ؛ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سەھىيە، سودا، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار تۆۋەندىكى ئىش تەقسىماتى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ: