شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:45:31

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    167 – نومۇرلۇق

    2011 – يىل 23 –مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى›› مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، بۇنى ئېلان قىلدۇق، 2011 – يىل 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2011 – يىل 4 – ئاپرېل

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كۆچمەن ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەت ئىناقلىقى،مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

    2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدىكى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن كۆچمە ئاھالە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندىنئايرىلىپ باشقا مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرگە قاراشلىق رايوندىن ئايرىلىپ شۇ شەھەرگە قاراشلىق باشقا رايوندا ئولتۇراقلاشقانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

     4 – ماددا كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنىباشقۇرۇشتا باراۋەر، ئادىل بولۇش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، مۇۋاپىق يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەۋە جاي بويىچە باشقۇرۇش بىلەن دەرىجە، تارماق بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

    5 – ماددا كۆچمە ئاھالە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنىساقلاپ، جەمئىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى لازىم.

    6 – ماددا كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر:

    1) ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دائىر سىياسەت، نىزامدىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تىزىملاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

    2) پىلانلىق تۇغۇت، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش ۋە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

    3) ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

    4) ساغلاملىق، ساقلىق ساقلاش ۋە قانۇنچىلىق تەشۋىقات – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش؛

     5) تۇرۇشلۇق ئورنىنى تىزىملاش، ئۆينى ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش؛

    6) كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش؛

     7) قانۇن، نىزام، قائىدىدە بەلگىلەنگەن باشقا ۋەزىپىلەرنى ئاداقىلىش.