شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:45:31

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    166 – نومۇرلۇق

    2011 – يىل 23 – مارت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى››نى ماقۇللىدى، 2011 – يىل 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2011 – يىل 4 – ئاپرېل

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات – ئىشتات خىزمىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇشتا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا مۇشۇ چارىدە ئېيتىلغان كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىنى مەقسەت قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرى ياكى باشقا تەشكىلاتلار دۆلەت مۈلكىدىن پايدىلىنىپ ئاچقان، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە ئاپپارات ۋە ئىشتات باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

    4 – ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇشتا ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىۋېتىش، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنى ئايرىۋېتىش، باشقۇرۇشبىلەن بېجىرىشنى ئايرىۋېتىش ۋە ئىخچام، ئۈنۈملۈك بولۇش، قېلىپلاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، تۈرگە ئايرىپ تەڭشەش، ھەرىكەتلىك باشقۇرۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

     قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ياكى دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەمۇرىي فۇنىكسىيەنى كەسپىي ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ مەمۇرىي فۇنىكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلارنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

    5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات – ئىشتات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات – ئىشتات خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاپپارات – ئىشتات كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات – ئىشتات خىزمىتىگە دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

     ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاپپارات – ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانلار شۇ مەمۇرىي رايوندىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات – ئىشتات باشقۇرۇش كۈندىلىك خىزمىتىنى كونكرېت ئۈستىگە ئېلىپ، بىر دەرىجە يۇقىرى ئاپپارات – ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ يېتەكچىلىكى ۋەنازارەتچىلىكىدە بولىدۇ.

    6 – ماددا ئاپپارات – ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشتاتىنى بېكىتىشنى تەستىقلىشى كېرەك. تەستىقلانغان ئاپپارات ۋە ئىشتاتخادىملارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ۋە خىراجەت ئاجرىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.