شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساھە جەمئىيەتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:45:31

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقخەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى164 – نومۇرلۇق

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

    2 – ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ساھە جەمئىيەتلىرى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغان، ئوخشاش بىر ساھەدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلات (يەككە سودا – سانائەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لاردىن ئىختىيارلىق ئاساسىدا تەشكىللەنگەن، ساھە مۇلازىمىتى ۋە تەلەپچانلىق بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ئىگىسىنى كۆرسىتىدۇ.

     3 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: جەمئىيەت ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش، ساھەلەرنىڭ باراۋەر رىقابىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ئارا مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ساھەنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

    4 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى جەمئىيەتنى مۇستەقىل باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتكە ئىختىيارلىق ئاساسىدا كىرىش، جەمئىيەت ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ۋە مەبلەغنى ئۆزى غەملەشتەك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ.

    5 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاپپاراتى، كادىرلار ئىشلىرى ۋە مالىيەسى مەمۇرىي ئورگان، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانا (كەسپىي ئورۇن)لاردىن ئايرىلغان بولۇشى لازىم.

    خىزمەتتىكى مەمۇرلار ۋە قانۇن بويىچە مەمۇرلۇق تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇلىدىغانلارنىڭ ساھە جەمئىيەتلىرىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە بولمايدۇ؛ ئالاھىدە سەۋەب بىلەن ھەقىقەتەن زۆرۈرىيەت بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ھەم قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەنگە ھەق ئالماسلىق لازىم.

    6 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى پائالىيەت قىلغاندا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە، جامائەت مەنپەئەتىگە ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىقى لازىم. ساھە جەمئىيەتلىرى قانۇن – نىزام،بەلگىلىمە ۋە نىزامنامە بويىچە پائالىيەت قىلىشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

    7 – ماددا قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردە مەمۇرىي ئورگاننىڭ يولغا قويۇشى بەلگىلەنگەن فۇنكسىيەدىن باشقا ئەھۋاللاردا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارماقلىرى ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ماس كېلىدىغان فۇنكسىيەلەرنى تەدرىجىي ھالدا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ يولغا قويۇشىغا ھاۋالە قىلىشى لازىم.

    ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇشىغا ھاۋالە قىلغان كەسپىي پائالىيەتلەر ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ئىشلىرىدا، شۇ ساھە جەمئىيىتىگە مۇناسىپ خىراجەتنى چىقىم قىلىپ بېرىشى، كېتەرلىك خىراجەت شۇ ئورگاننىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈشى، خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

    2 – باب قۇرۇش ۋە تىزىملاش

    8 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى خەلق ئىگىلىكىدەساھەلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى، مەھسۇلاتنى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلىدۇ ياكى تىجارەت ئۇسۇلى،تىجارەت ھالقىسى ۋە مۇلازىمەت تىپى بويىچە قۇرۇلىدۇ.

    9 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇشنىڭ شەرتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى›› بويىچە ئىجرا قىلىنغاندىن سىرت، ئۇ يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم:

    1) شۇ جايدا تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ئۈچتىن ئارتۇق ئىقتىسادىي تەشكىلات ھەم شۇ ساھەدە تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا ئۇدا ئىككى يىلدىن ئاشقان ئىقتىسادىي تەشكىلات (يەككە سودا – سانائەتچىلەر) ساھە جەمئىيىتىنى قۇرغۇچى بولۇشى؛

    2) نامىدا قاراشلىق ساھە ۋە تەۋەلىكىئىزاھلىنىشى؛

    3) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە تەيىنلەنمەكچى بولغان قانۇنىي ۋەكىلى مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى؛

    4) كەسپىي پائالىيەتلىرىگە ماس كېلىدىغان مەخسۇس (قوشۇمچە) خىزمەتچىلىرى بولۇشى لازىم.

    10 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلقھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ساھە جەمئىيەتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرىدىغان ئورگان بولۇپ، ساھە جەمئىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە تىزىملاپ باشقۇرىدۇ.

    ساھە جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى تەستىقلاش ھوقۇقى ۋە تەرتىپى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

    تىزىملاپ باشقۇرىدىغان ئورگان ساھە جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئاساسلىق مەقسىتى ۋە كەسىپ دائىرىسى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ.

    11 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى ساھەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كونكرېت ئىش تەقسىماتى ياكى ئالاقىدار كەسپىي ساھەلەرنىڭ تۈرلەر بويىچە قۇرغان تارماق ئاپپاراتى، ۋاكالەت ئاپپاراتى؛ ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ تارماق ئاپپاراتى، ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى لازىم.

    3 – باب جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە تەشكىلىي ئاپپارات

    12 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى بىرلىك جەمئىيەت ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ساھە جەمئىيەتلىرى ئۆزىگە ئالاقىدار ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنى جەمئىيەتكە قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ نىسبىتى جەمئىيەت ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %10ىدىنئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

    13 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى تۆۋەندىكى ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ:

    1) جەمئىيەتكە ئىختىيارلىق ئاساسىدا كىرىش، جەمئىيەتتىن ئىختىيارلىق ئاساسىدا چېكىنىش؛

     2) ئەزالار يىغىنىغا قاتنىشىش؛

    3) سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقى؛

    4) تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى؛

     5) ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى؛

    6) قانۇن – نىزام ۋە قائىدە، شۇنداقلا نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    14 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

    1) نىزامنامىگە ئەمەل قىلىدۇ؛

    2) ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرىدۇ؛

    3) ئەزالار ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ياكى ئەزالار چوڭ يىغىنىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدۇ؛

    4) ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ؛

    5) قانۇن – نىزام ۋە قائىدە، شۇنداقلا نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ.

    15 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىدىن جەمئىيەت قۇرۇلتىيى تەشكىللەيدۇ؛ جەمئىيەت ئەزالىرى كۆپرەك بولسا، نىزامنامە بويىچە ۋەكىل سايلاپ، جەمئىيەت ئەزالىرى ۋەكىللەر يىغىنى تەشكىللىسە بولىدۇ. جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى جەمئىيەت ئەزالىرى ۋەكىللەر يىغىنى ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولىدۇ.

    16 – ماددا جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى جەمئىيەت ئەزالىرى ۋەكىللەر يىغىنى تۆۋەندىكى ھوقۇقنى يۈرگۈزىدۇ:

    1) نىزامنامىنى تۈزىدۇ، تۈزىتىدۇ، تىزىملاپ باشقۇرىدىغان ئورگانغا تەكشۈرۈپ ئىجازەت بېرىش ئىلتىماسىنى يوللايدۇ؛

    2) جەمئىيەت باشلىقى ياكى كېڭەش باشلىقى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ياكى مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، كېڭەش ئەزاسى ۋە نازارەتچىنى سايلايدۇ ياكى ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛

    3) ئەزالىق بەدىلى ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ؛

    4) كېڭەش تاپشۇرغان خىزمەت پىلانى، خىزمەت دوكلاتى ۋە مالىيە خامچوت، نەق چوت دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ؛

    5) كېڭەش ئەزالىرى ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى ۋەكىللىرى تاپشۇرغان تەكلىپنى قاراپ چىقىدۇ؛

    6) نىزامنامە بويىچە جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر تەرەپقىلىش قارارىنى چىقىرىدۇ؛

    7) ساھە جەمئىيەتلىرىنى تارقىتىۋېتىش ۋە ئۇنى ئېنىقلاشنى قارار قىلىدۇ؛

    8) نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ.

    17 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىدە كېڭەش قۇرۇلىدۇ. كېڭەش جەمئىيەت باشلىقى ياكى كېڭەش باشلىقى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ياكى مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، شۇنداقلا كېڭەش ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ ھەم جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى جەمئىيەت ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. كېڭەش ئەزالىرى كۆپرەك بولغاندا دائىمىي كېڭەش قۇرۇشقا بولىدۇ.

    كېڭەشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى نىزامنامىدە بەلگىلىنىدۇ. ئەمما ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۇدا سايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.

    كېڭەش جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى ئەزالار ۋەكىللىرى يىغىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، نىزامنامە ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى ئەزالار ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

     18 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ باشلىقى ياكى كېڭەش باشلىقى ساھە جەمئىيىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ. جەمئىيەت باشلىقى ياكى كېڭەش باشلىقى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم:

    1) مۇشۇ ساھەدە ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇشى، مۇناسىپ كەسپىي بىلىم ۋە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولۇشى؛

    2) ئىجتىمائىي ئىناۋەت خاتىرىسى ياخشى بولۇشى؛

    3) تېنى ساغلام، يېشى 65تىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى؛

    4) باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالمىغان بولۇشى؛

    5) قانۇن – نىزام ۋە قائىدىدە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم.

    19 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىدە باش كاتىپ قويۇلىدۇ. باش كاتىپ ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ مەخسۇس باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، كېڭەشنىڭ رەھبەرلىكىدە ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. باش كاتىپ نامزاتىنى جەمئىيەت باشلىقى ياكى كېڭەش باشلىقى كۆرسىتىدۇ، كېڭەش تەكلىپ قىلىش قارارىنى چىقىرىدۇ، باش كاتىپ نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلسىمۇ بولىدۇ، ئەمما باش كاتىپ جەمئىيەت باشلىقى ياكى كېڭەش باشلىقىبىلەن ئوخشاش بىر ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىن بولسا بولمايدۇ.

    ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ دائىمىي ئىش ئاپپاراتى بولىدۇ. كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە قارىتا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ياكى ئورۇندىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئەۋەتىشتۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

    20 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى تەكلىپ قىلغان خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى ھەمئۇلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئورۇندىن ئەۋەتىلگەن ساھە جەمئىيەتلىرى ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي ئورنىدىكى تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ.

    ساھە جەمئىيەتلىرىدىكى خادىملار كەسپىي تېخنىكا سالاھىيىتىگە ئىلتىماس سۇنسا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش ۋە باھالاشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

     21 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى نازارەتچىلىك كومىتېتى ياكى نازارەتچى قويماقچى بولسا، نازارەتچى جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى ئەزالار ۋەكىللىرى يىغىنىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ. ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ باشلىقى، كېڭەش باشلىقى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، كېڭەش ئەزاسى ۋە باش كاتىپ نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.

     نازارەتچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى نىزامنامىدە بەلگىلىنىدۇ، ئەمما ھەر قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۇدا سايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.

    نازارەتچىلىك كومىتېتى، نازارەتچى ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ كەسپىي پائالىيەتلىرى ۋە مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ ھەم جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى ئەزالار ۋەكىللىرى يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. نازارەتچى كېڭەش يىغىنى ۋە دائىمىي كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.

    22 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ خىراجەت مەنبەسى:

    1) جەمئىيەت ئەزالىرى تاپشۇرغان بەدەل پۇلى؛

    2) نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن دائىرىدە قانات يايدۇرغان مۇلازىمەت كىرىمى؛

    3) دۆلەت ئورگانلىرى ھاۋالە قىلغان ئىشلاردىن كەلگەن خىراجەت؛

    4) قوبۇل قىلغان مەبلەغ ياردىمى ۋە ئىئانە؛

    5) باشقا قانۇنلۇق كىرىم.

    23 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىق بەدىلى ئۆلچىمى جەمئىيەت ئەزالىرىغا قىلىدىغان مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولغان مۇۋاپىق چىقىم ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭكۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئەزالىق بەدىلى ئۆلچىمىگە جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى ئەزالار ۋەكىللىرى يىغىنىدا يېرىمدىن ئارتۇق ۋەكىل قوشۇلغاندىنكېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەم ئۇنى تىزىملاپ باشقۇرىدىغان ئورگان ئەنگە ئالىدۇ.

    24 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ مۈلكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئۇنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭئىگىلىۋېلىشىغا، بۆلۈۋېلىشىغا ۋە ئىشلىتىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

    ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى جەمئىيەتتىن چېكىنسە ياكى چېكىندۈرۈلسە، ساھە جەمئىيەتلىرىگە تاپشۇرغان ئەزالىق بەدىلى ياكى ياردەم قىلغان مەبلەغ ۋە ئىئانىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

    25 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى خىراجەت چىقىم قىلغاندا قانۇن – نىزام ۋە ئالاقىدار مالىيە تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىشى ۋە ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك.

    ساھە جەمئىيەتلىرى مالىيە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەم قاراشلىق شۆبە، تارماق ئاپپاراتلار ۋە ۋەكىللىك ئاپپاراتلارنىڭ مالىيەسىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشى كېرەك.

    ساھە جەمئىيەتلىرى ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلىدا مالىيە خامچوت، نەق چوت دوكلاتى تەييارلاپ، جەمئىيەت ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ياكى ئەزالار ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇشى ھەم قانۇن بويىچە يىللىق تەكشۈرگەندە تىزىملاپ باشقۇرىدىغان ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

    ساھە جەمئىيەتلىرى جەمئىيەت ئەزالىرى، نازارەتچىلەر، مەبلەغ ياردەم بەرگۈچىلەر ۋە ئىئانە بەرگۈچىلەرنىڭ خىراجەت كىرىم – چىقىمى ۋە مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ ئەينەنلىكى ۋە مۇكەممەللىكىگەكاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

    4 – باب فۇنكسىيە

    26 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرى ساھە تەلەپچانلىقى، ساھەلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ساھە مۇلازىمىتىنى ئاساسىي فۇنكسىيەسى قىلىپ، نىزامنامە ۋە شۇ ساھەنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ:

    1) ساھەلەر بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىغا ساھە ۋەئەزالارنىڭ تەلىپىنى ئىنكاس قىلىدۇ، ساھە تەرەققىياتى ۋە قانۇن چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ساھە ئۆلچىمى، ساھە تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ساھە ئىجازەت شەرتىنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ؛

     2) ساھە تەلەپچانلىقى مېخانىزمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ساھە بەلگىلىمىسى ۋە ئەھدىنامىسىنى تۈزىدۇ، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، ئەزالار مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ، ساھەنىڭ ئادىل رىقابەت تەرتىپىنى قوغدايدۇ؛

    3) ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ساھەلەرنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئۆلچىمى ۋە قېلىپىنى تۈزىدۇ ھەم تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، ساھە سەمىمىيلىك ھەرىكىتىنى باھالايدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ؛

    4) بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن، ساھە بويىچە ئۇچۇرلارنى ئىستاتىستىكىلايدۇ، يىغىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ؛

    5) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە گېزىت – ژۇرنال ۋە تور پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى ئىقتىساد – تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ؛

    6) ساھە ئىختىساسلىقلىرى، تېخنىكىسى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە نىزام قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەشخىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، قانۇن، سىياسەت، تېخنىكا باشقۇرۇش ۋە بازار مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردا مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلىدۇ؛

    7) ساھە ساپا ئىسپاتى بېرىش، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى باھالاش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىقئالاقىدار خىزمەتلەرگە قاتنىشىدۇ؛

     8) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئۆز ساھەسىنىڭ تۈرلۈك سودا يەرمەنكىسى ۋە كۆرگەزمە قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ؛

    9) تاشقى سودا ماجىرالىرىنى كېلىشتۈرۈشكە قاتنىشىدۇ، ئەزا كارخانىلارنى تەشكىللەپ، تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش، قوشۇمچە ياردەمگە قارشى تۇرۇش ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىش بويىچە تەكشۈرۈش، دەۋا قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش قاتارلىقئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ؛

    10) ئەزالارنى تەشكىللەپ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىقپائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرىدۇ؛

    11) جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ؛

    12) ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى ھاۋالە قىلغان خىزمەتلەرنى يولغا قويىدۇ.

    27 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ تۆۋەندىكىقىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا بولمايدۇ:

    1) كىشىلەرنى جەمئىيەتكە مەجبۇرىي ئەزا قىلدۇرۇش ياكى جەمئىيەت ئەزالىرى ئارا كەمسىتىش خاراكتېرلىكتەمىناتنى يولغا قويۇش؛

    2) جەمئىيەت ئەزالىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش، جەمئىيەت ئەزالىرىغا مەجبۇرىي سېلىق سېلىش؛

    3) پايدىنى مەقسەت قىلغان تىجارەت پائالىيىتى بىلەنشۇغۇللىنىش ياكى جەمئىيەت ئەزالىرىغا ساھەجەمئىيەتلىرىنىڭ مۈلكىنى تەقسىم قىلىپ بېرىش؛

    4) ساھە بەلگىلىمىسى، ساھە ئەھدىنامىسىنى تۈزۈش ئارقىلىق ياكى باشقا شەكىل بىلەن بازارنى مونوپول قىلىپ، باراۋەر رىقابەتكە توسالغۇ بولۇپ، ئىستېمالچىلار ۋە جەمئىيەت ئەزاسى ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە ياكى جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش؛

    5) ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ نورمال تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياكى باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا توسالغۇ بولۇش ۋە ئۇنىڭغا چەك قويۇش؛

    6) ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى ئالمىغان ئەھۋالدا، ئۆز مەيلىچە جامائەت ئىشلىرىنىباشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە مۇلازىمەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛

    7) ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش، بىدئەتلىكنى ۋە خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىش، مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىغا زىيان سېلىش؛

    8) قانۇن – نىزام ۋە قائىدىدە چەكلەنگەن باشقائىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش.

    28 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن نىزامنامىگە ياكى سەمىمىيلىك مىزانى، سۈپەت ئۆلچىمى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناتوغرا رىقابەتنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتى ۋە ساھەنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا زىيان سالغانلارغا ساھە جەمئىيەتلىرى ئاگاھلاندۇرۇش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش ۋە جەمئىيەت ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.

    5 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    29 – ماددا تىزىملاپ باشقۇرىدىغان ئورگان ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىنىڭ ئايلىنىشى، كەسپىي پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار، مالىيە ئەھۋالى قاتارلىقلارنى قەرەللىك باھالاپ، كەسپىي يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى ھەم ساھە ياكى جەمئىيەتكە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە دائىر ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى لازىم.

    30 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شۇنداقلا نازارەتچىلىرى نۆۋەت ئالماشتۇرغاندا ياكى قانۇنىي شەخسنى ئالماشتۇرغاندا، مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش لازىم. مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ھۆكۈمەت ياردىمى ياكى جەمئىيەتنىڭ ئىئانىسى بولسا، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش لازىم.

    31 – ماددا ساھە جەمئىيەتلىرىدىن بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە قائىدىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ.

    32 – ماددا تىزىملاپ باشقۇرىدىغان ئورگاندىكى خىزمەتچىلەردىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلار، ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغانلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلارغا مەسئۇل تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    33 – ماددا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە سېتىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان يېزا كەسپىي ئىقتىسادىي جەمئىيەتلىرى بۇ چارىنى پايدىلىنىش ئاساسىدا ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

    34 – ماددا بۇ چارە 2010 – يىل 1 – ئۆكتەبىردىنباشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قۇرۇلغان ساھە جەمئىيەتلىرى بۇ چارە يولغا قويۇلغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئىچىدە مۇشۇ چارىگە ئاساسەن ئۆزىنى قېلىپلاشتۇرۇشى لازىم.