شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:32:30

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    144–نومۇرلۇق

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسى›› 2007–يىل 8– ئاينىڭ 14–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 44 – دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى. ئۇ 2007–يىل 10–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى

    2007–يىل 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى

    1 – ماددا ئۇشبۇ چارە يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ۋە ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ نورمال يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى››.

    2 – ماددا مەزكۇر چارىدە ئېيتىلغان يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى دېگىنىمىز ‹‹يېزا – بازار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى››دىكى ئادەم ۋە چارۋىنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياسالغان تۈرلۈك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ نورمال يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىئانە توپلاپ ياكى مەبلەغ سېلىپ يېزا ئىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېزائىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ئىسلاھات، مالىيە، سەھىيە، دۆلەت زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە، يېزا ئىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.