شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:32:30

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    159 – نومۇرلۇق

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى›› 2008 – يىل 4 – سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2008 – يىل 9 – سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى

    1 – ماددا بۇ چارە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ۋاقىتلىق نىزامى›› (تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹‹نىزام›› دەپ ئېلىندى)غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئۆي سالغان ياكى دېھقانچىلىقتىن باشقا قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇن ياكى شەخسلەر يەر ئىگىلەش بېجىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلىرى بولۇپ،‹‹نىزام›› ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يەر ئىگىلەش بېجى تاپشۇرىدۇ.

    بۇ چارىدە دېيىلگەن تېرىلغۇ يەر زىرائەت تېرىشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى، جۈملىدىن، پىششىق يەر، يېڭىدىنئېچىلغان يەر، قايتا ئېچىلىپ رەتلەنگەن يەر، بوش يەر، نۆۋەت بىلەن ئاق قالدۇرۇلغان يەر، ئوتلاق – ئېتىز نۆۋەت يېرى، ئارىلىق يەر، ئۆزلەشتۈرۈلگەن سايلىق يەرنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ چارىدە دېيىلگەن ئورۇن دۆلەت كارخانىسى، كوللېكتىپ كارخانا، خۇسۇسىي كارخانا، پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىيتەشكىلات، دۆلەت ئورگىنى، قىسىم، شۇنداقلا باشقا ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ، شەخسلەر يەككە سودا – سانائەتچىلەر ۋە باشقا شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا ئىلتىماس ئارقىلىق يەر ئىشلىتىشى تەستىقلانغانلارنىڭ باج تاپشۇرغۇچىسى تەستىق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچى بولىدۇ؛ تەستىق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلمىگەنلەرنىڭ باج تاپشۇرغۇچىسى يەرنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچى بولىدۇ؛ يەرنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچى بېكىتىلمىگەن بولسا، باج تاپشۇرغۇچى يەر ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بولىدۇ. تەستىقلاتماي تۇرۇپ يەر ئىگىلىگەنلەرنىڭ باج تاپشۇرغۇچىسى يەرنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچى بولىدۇ.

    4 – ماددا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى باج ھېسابلاش ئاساسى قىلىنىپ، بەلگىلەنگەن تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى بويىچە بىر قېتىمدىلا ئېلىنىدۇ. ئەمەلىي ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تەستىق بويىچە ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ۋە تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.