شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:32:30

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    (157 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش چارىسى›› 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلقھۆكۈمىتىنىڭ 4 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرى

    2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى

    1 – ماددا بۇ چارە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلۇۋاتقان توك بېرىش ئەسلىھەلىرى، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش ئەسلىھەلىرى، توك يولى ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەر (تۆۋەندە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى دېيىلىدۇ)نى قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى ھەم ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ، ئورمانچىلىق، زېمىن بايلىقى، قۇرۇلۇش، قاتناش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەنمەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

    5 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق ھەم ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىدۇ.