شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 16:15:20

    (2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىداماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (7 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى>نى يولغاقويۇش چارىسى›› 2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى›› نى يولغا قويۇشمەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى شەھەر، بازار، يېزا، كەنت ۋە شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى رايونى سىرتىدىكى چېگرا پورتى ۋە سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقمەيدان – رايونلىرى قاتارلىق ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، يىرىك پىلان رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىشتا بۇ چارىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

    3 – ماددا شەھەر، بازارلار شەھەر يىرىك پىلانى، بازار يىرىك پىلانى تۈزۈشى، يىرىك پىلان رايونىدىكى قۇرۇلۇش پائالىيىتى يىرىك پىلاننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

    چېگرا پورتى، سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرى چېگرا پورتى يىرىك پىلانى، سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرى يىرىكپىلانىنى تۈزۈشى، يىرىك پىلان رايونىدىكى قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى يىرىك پىلاننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشىكېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تېگىشلىك رايونلارنى قانۇن بويىچە بېكىتىشى، بېكىتىلگەن رايوندىكى يېزا، كەنتلەر مۇشۇ چارە بويىچە يىرىك پىلاننى تۈزۈشى، يىرىك پىلان رايونىدىكى يېزا، كەنتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى يىرىك پىلاندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن قىلىشى كېرەك.

    يېزا يىرىك پىلانى، كەنت يىرىك پىلانىدا يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىش، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە يېزا ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.