شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 15:55:46

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    161 – نومۇرلۇق

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى›› 2009 – يىل 23 – مارت ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم ، 2009 – يىل 1 – ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىس نۇر بەكرى

    2009 – يىل 7 – ئاپرېل

    1 – ماددا بۇ چارە پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتلاش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش پارتلىتىش مەشغۇلاتى ۋە ئاممۇنىي نىترات سېتىش، سېتىۋېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

    3 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ساقلاشنى بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ساقلاشنى كۈندىلىك بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    ج خ ئورگانلىرى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم جامائەتبىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىۋېلىش، توشۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش ۋە ئۇنى ساقلاشنى بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش –باشقۇرۇش، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، قاتناش ۋە تۆمۈريول، پۇقراۋى ئاۋىئاتسىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

    پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلار، ج خ ئورگانلىرى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇش پرىنسىپىغا بىنائەن، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش،توشۇش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ۋە ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.