شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 15:55:46

    2007 – يىل 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ 34 – يىغىنىدا ماقۇللاندى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (45 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2007 – يىل 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2007 – يىل 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن – ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زىيىنىنى ئازايتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، دەريا،كۆللەرنى پىلانلىق تىزگىنلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە قوماندانلىق قىلىش، تەڭشەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، سۇ بۇزۇۋەتكەن قۇرۇلۇشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

    3 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈن مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ سۇ خەۋپ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

    2 – باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقائالاقىدار تارماقلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.