شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 15:55:45

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    160 – نومۇرلۇق

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› 2009 – يىل 23 – مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2009 – يىل 8 – ئاپرېل

    1 – ماددا بۇ چارە مەبلەغ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا دۆلەتنىڭ ياردەم مەبلىغى شۇنداقلا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەبلىغى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ياكى تۈر ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %80 ىدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدىغان تۆۋەندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ:

    (1) دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىيتەشكىلاتلارنىڭ ئىشخانا ئىمارەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى؛

    (2) مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، نوپۇس – پىلانلىق تۇغۇت، تەنتەربىيە، ئوت مۇداپىئە، رادىئو – تېلېۋىزىيە، خەلق ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇش تۈرلىرى؛

    (3) قاماقخانا، سولاقخانا، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنى ۋە تۈرمە قاتارلىقلار؛

    (4) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن باشقا تۈرلەر.

    ئالدىنقى تارماقتىكى تۈرلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ياكى ئۆزگىچە كەسىپ – تېخنىكا تەلىپىگە چېتىلسا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىسىمۇ بولىدۇ.

    3 – ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمىخېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئورنى (تۆۋەندە <ۋاكالىتەن قۇرىدىغان ئورۇن&gt; دەپ قىسقارتىلدى)نى تاللاپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بېرىش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.