شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹تەزكىرە خىزمىتى نىزامى››نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 13:50:04

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    162 – نومۇرلۇق

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <تەزكىرە خىزمىتى نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2009 – يىل 3 – مارت ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2009 – يىل 7 – ئاپرېل

    1 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ تەزكىرە تۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەزكىرىدىن ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تەزكىرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹تەزكىرە خىزمىتى نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تەزكىرە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامىدا نەشر قىلىنغان تەزكىرە كىتابلىرى ۋە يەرلىك ئۇنىۋېرسال يىلنامىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    3 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە تەزكىرە تۈزۈش، باشقۇرۇش ۋە تەزكىرىدىن پايدىلىنىش خىزمىتىدە مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تەزكىرە تۈزۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەزكىرە خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغاكىرگۈزۈپ، تەزكىرە خىزمىتىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەزكىرەخانا، تەزكىرە ماتېرىياللىرى ئامبىرى ۋە تەزكىرە تور بېكەتلىرىنى قۇرۇپ، تەزكىرىنىڭ ئۆرنەك قىلىش، تارىخ ساقلاش ۋە ئادەم تەربىيىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    تەزكىرىگە كېرەكلىك خىراجەت شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلقھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەزكىرە خىزمىتى ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تەزكىرە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ دەرىجىلىك تەزكىرە كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

    (1) تەزكىرە خىزمىتىنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش؛

    (2) تەزكىرە خىزمىتى يىرىك پىلانى ۋە تەزكىرە تۈزۈش لايىھىسىنى بېكىتىش؛

    (3) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تەزكىرىسىنى ۋە يەرلىك ئۇنىۋېرسال يىلنامىسىنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىشنى تەشكىللەش؛

    (4) تەزكىرە ماتېرىياللىرىنى توپلاش، رەتلەش، ساقلاش، كونا تەزكىرىلەرنى رەتلەش؛

    (5) تەزكىرىچىلىك نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەزكىرە خادىملىرىنى تەربىيىلەش؛

    (6) تەزكىرە بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا تەشكىللەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛

    (7) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەزكىرە خىزمىتى ئاپپاراتى تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنى بېجىرىش.