شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ‹‹يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش خىزمىتى نىزامى››نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 13:50:04

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    (158 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش خىزمىتى نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2008 – يىل 4 – سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2008 – يىل 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرى

    2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى

    1 –ماددا بۇ چارە يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش خىزمىتى نىزامى›› (تۆۋەندە ‹‹نىزام›› دەپقىسقارتىلدى) غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

    2 – ماددا يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش دېگىنىمىز، ‹‹نىزام›› ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، دەپنە قىلىش جەھەتلەردە بېقىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش ۋە ماددىي ياردەم بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىشتا مالىيە ئارقىلىق بېقىشنى ئاساس قىلىش، تارقاق بېقىش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ۋە ئاشكارا، ئادىل ھەققانىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانئائىلىلەرنى بېقىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بېقىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بېقىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى لازىم.

    ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى يېزىلارنىڭ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈپ بېقىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ مالىيە، تەرەققىيات – ئىسلاھات، ئىقتىسادىي تەپتىش، سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلۈپ بېقىلىدىغانلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.