شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 13:33:09

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    (163 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىتىزگىنلەش چارىسى›› 2010 – يىل 8 – يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 9 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2010 – يىل 1 – مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2010 – يىل 20 – يانۋار

    1 – ماددا بۇ چارە خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ھايات ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹خەتەرلىك تاشلاندۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى›› ھەمدە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

    2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدە پەيدا بولغان، يىغىلغان، ساقلانغان، توشۇلغان،ئىشلىتىلگەن، بىر تەرەپ قىلىنغان خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، نازارەت قىلىشتا تەتبىقلىنىدۇ.

    رادىيوئاكتىپ تاشلاندۇق، داۋالاش تاشلاندۇقى ۋەسۇغا، ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن تاشلاندۇقنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە بۇ چارە تەتبىقلانمايدۇ.