ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى 2008–يىلىدىن 2012–يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 13:33:08

    مەركىزىي كومىتېتنىڭ ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى›› (تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› دېيىلىدۇ(نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چىرىكلەشكەنلەرنىجازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

    1. يېتەكچى ئىدىيە ، ئاساسىي تەلەپ ۋە خىزمەت نىشانى

    (1) يېتەكچى ئىدىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە قوغداپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماھىيەتتىن تۈزەشكە، ئالدىنى ئېلىشقا، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، چىرىكلىكنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ساھەسىنى كېڭەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك ئىناق شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

    (2) ئاساسىي تەلەپ 1. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا سىڭدۈرۈپ، ھەم ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 2.چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىسلاھات روھى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش چارىسى ئۈستىدە يېڭىلىق يارىتىش تەسەۋۇرى بىلەن ئىزدىنىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە چەكلەشنى يادرو قىلغان ھالدا ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چىرىكلىككە قارشىتۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مول ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك. 3. جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەربىيىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، تۈزۈمنىڭ چەكلەش كۈچى، نازارەتنىڭ تىزگىنلەش كۈچى ۋە جازالاشنىڭ تەھدىت كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كېرەك. 4.شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭتۇرۇپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى يېڭىلاپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.