شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى> نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  ش ئۇ ئا ر خەلىق ھۆكۈمەت تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 13:26:33

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    152 - نومۇرلۇق

    «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى> نى يولغا قويۇش چارىسى» 2008 - يىل 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم، 2008 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2008 - يىل 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى

    ئاشكارىلاش نىزامى» نى يولغا قويۇش چارىسى

    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددا بۇ چارە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە گوۋۇيۈەننىڭ «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

    2 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشتە، مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

    3 - ماددا ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تۈپ ۋەزىپە قىلىنىدۇ.

    4 - ماددا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، قانۇن - نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش، ۋاقتىدا، توغرا بولۇش، ماسلاشتۇرۇش بىردەك بولۇش، ئادىل - باراۋەر بولۇش، خەلققە قۇلايلىق ۋە پايدىلىق بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشتا، دۆلەت بىخەتەرلىكى، جامائەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.