شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-23 19:23:06

    (2011 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (36 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش نىزامى›› 2011 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2011 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئالاقىدارقانۇن – نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

    تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، مەدەنىي يادىكارلىق، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشتا ئالاقىدار قانۇن – نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم.

    3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرى تەڭرىتاغ تۆمۈر چوققىسى، بوغدا چوققىسى، تەڭرىتاغ ئوتتۇرا تاغ تىزمىسىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئايرىلغان ھەم ئېلان قىلىنغان تەبىئىي مەنزىرە، ئېكولوگىيە سىستېمىسى، جانلىقلار ياشايدىغان جاي ۋە تەبىئىي مىراس دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ.

    4 – ماددا تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشتا، ئىلمىي پىلانلاش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش، قاتتىق قوغداش، ئۇزاققىچە پايدىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەبىئىي مىراس يېرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

    5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، كونكرېت خىزمەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزاقۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

    تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بېكىتكەن تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى تەڭرىتاغ تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى نازارىتى، يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.