سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

   1997 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1997 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 92 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1– باب ئومۇمىي پرىنسىپ

   1 - ماددابۇ قانۇن باھا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، باھانىڭ بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، بازارنىڭ ئومۇمىي باھا سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلار ۋە ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

   2- ماددابۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى باھا ھەرىكىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا دېيىلگەن باھا تاۋار باھاسى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاۋار باھاسى شەكىللىك مەھسۇلاتلار باھاسى ۋە شەكىلسىز مۈلۈكلەر باھاسىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇلازىمەت باھاسى ھەقلىق مۇلازىمەتلەر ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.

  3- ماددادۆلەت ماكرو ئىقتىسادنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ئاساسىدا باھانى ئاساسلىقى بازار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە ئۇنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. باھانى بېكىتىش قىممەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، زور كۆپ ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش يولغا قويۇلۇشى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى جەھەتتە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى يولغا قويۇلۇشى كېرەك.

   بازار تەڭشەلمە باھاسى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئۆز ئالدىغا بېكىتىدىغان، بازار رىقابىتى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان باھانى كۆرسىتىدۇ.

   بۇ قانۇندا دېيىلگەن ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ.

   ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى دېگەندە، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە دائىرىسى بويىچە تۈپ باھانى ھەمدە ئۇنىڭ لەيلىمە نىسبىتىنى بەلگىلەپ، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ بېكىتكەن باھا كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

   ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى دېگەندە، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە دائىرىسى بويىچە بېكىتكەن باھا كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

   4 - ماددادۆلەت ئادىل، ئاشكارا، قانۇنلۇق بازار رىقابىتىنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، نورمال باھا تەرتىپىنى ساقلايدۇ، باھا پائالىيىتىنى باشقۇرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ ۋە بۇنىڭدا زۆرۈر تەڭشەش - تىزگىنلەشنى يولغا قويىدۇ.

   5- مادداگوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ باھا خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك باھا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315403511