سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قان تەقدىم قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

   1997- يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1997 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 93 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

   1- ماددابۇ قانۇن داۋالاش كلىنىكىسىدا قان ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، قان تەقدىم قىلغۇچىلار ۋە قان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

   2 - ماددا دۆلەت ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

   دۆلەت 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ساغلام پۇقرالارنىڭ ئىختىيارىي قان تەقدىم قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

   3 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ.

   4- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

   ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىگە قانۇن بويىچە قاتنىشىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.

   5 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، قان تەقدىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدۇ، قان تەقدىم قىلىشقا دائىر پەننىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، قان ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەربىيىنى قانات يايدۇرىدۇ.

   ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قان تەقدىم قىلىشنىڭ جامائەتكە پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشى لازىم.

   6- ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ھەربىي قىسىملار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆز ئورنى ياكى ئۆز تۇرالغۇ رايونىدىكى قان تەقدىم قىلىش يېشىدىكى پۇقرالارنى قان تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشى ۋە تەشكىللىشى لازىم.

   رەسمىي ھەربىيلەرنى قان تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش چارىسىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.

   قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىشلىگەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلار مۇۋاپىق ياردەم پۇل بەرسە بولىدۇ.

   7- ماددا دۆلەت دۆلەت خادىملىرى، رەسمىي ھەربىيلەر ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى باشلامچىلىق بىلەن قان تەقدىم قىلىپ، ئىجتىمائىي يېڭى كەيپىيات يارىتىشتا ئۈلگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

   8- ماددا قان پونكىتى كلىنىكىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قان ئالىدىغان، قان تەمىنلەيدىغان ئاپپارات بولۇپ، پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتىدۇر. قان پونكىتى قۇرۇپ پۇقرالاردىن قان ئېلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. قان پونكىتلىرى قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا بىخەتەر، پاكىز ۋە قۇلايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. قان پونكىتىنى قۇرۇش شەرتلىرى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

   1 2 3 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315403441