سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇرن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

   2001 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2001 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 60 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

   1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

   1- ماددابۇ قانۇن كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىش، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

  2 - ماددابۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا تەتبىقلىنىدۇ.

   بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كەسپىي كېسەل، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە يەككە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار )تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ(دىكى ئەمگەكچىلەر كەسپىي پائالىيەتتە چاڭ - توزان، رادىئوئاكتىپ ماددا ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق باشقا ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن بولغان كېسەلنى كۆرسىتىدۇ.

   كەسپىي كېسەلنىڭ تۈرى ۋە مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

   3 - مادداكەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈر بويىچە باشقۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش يولغا قويۇلىدۇ.

   4- ماددائەمگەكچىلەر كەسپىي ساغلاملىقنى قانۇن بويىچە ئاسراشقا ھوقۇقلۇق.

   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرگە دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى، ساغلاملىق تەلىپىگە ئۇيغۇن خىزمەت مۇھىتى ۋە شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ساغلاملىقىنى ئاسرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   5 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى، شۇ ئورۇندىكى كەسپىي كېسەل خەۋپىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

   6- ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىشى شەرت.

   گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315403341