سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1993 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1993 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 14 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

   1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

  1 - ماددا بۇ قانۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش، تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

   2- ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قىزىل كرېست تەشكىلاتى، ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي قۇتقۇۇش - ياردەم بېرىش تەشكىلاتى.

    3- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى مىللىتى، ئېرقى، جىنسى، كەسپىي، دىنىي ئېتىقادى، تەربىيە ئېلىش دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلسا ھەمدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرسا، ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

   4 - ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئاساس قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىدۇ، خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى ئورناتقان تۈپ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو قاتناشقان جەنۋە شەرتنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىلىرى ۋە جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا قانات يايدۇرىدۇ.

   5- ماددا خەلق ھۆكۈمىتى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنى قوغدايدۇ ۋە ئۇنىڭغا مالىيە ياردىمى بېرىدۇ، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدۇ؛ قىزىل كرېست جەمئىيىتى خەلق ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

   6- ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئيىتى مۇستەقىل، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ قىزىل كرېست جەمئيەتلىرى ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

   7- ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى تېگى ئاق قىزىل كرېست بەلگىسى قوللىنىدۇ.

   2– باب تەشكىلات

   8- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردا مەمۇرىي رايونلار بويىچە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى قۇرۇلىدۇ، ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەخسۇس خىزمەتچىلەر سەپلىنىدۇ.

  مەملىكەت خاراكتېرلىك ساھەلەردە ئېھتىياجغا قاراپ ساھەلەر قىزىل كرېست جەمئىيىتى قۇرۇلسا بولىدۇ.مەملىكەت بويىچە جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ.

   1 2 3 4 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315403331