سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1995 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1995 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 55 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1- ماددابۇ قانۇن تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش، تەنتەربىيە ھەرىكىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - ماددادۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. تەنتەربىيە خىزمىتىدە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈش بىرلەشتۈرۈلىدۇ، ھەر خىل تەنتەربىيە ماس راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

    3 - ماددا دۆلەت تەنتەربىيىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. تەنتەربىيە ئىشلىرى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.

    دۆلەت تەنتەربىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ۋە قوللاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    4 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەنتەربىيە خىزمىتىنى خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە باشقۇرىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    5 - ماددا دۆلەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرىدۇ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.

    6 - ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىق تەنتەربىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

    7 - ماددا دۆلەت تەنتەربىيە مائارىپى ۋە تەنتەربىيە، پەن تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئىلغار، ئەمەلىي تەنتەربىيە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىدۇ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ راۋاجلاندۇرىدۇ.

    8 - ماددا دۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

    9 - ماددا دۆلەت تاشقى تەنتەربىيە ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. تاشقى تەنتەربىيە ئالاقىسىدا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتى قوغدىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ۋە قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315403251