سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1988 - يىل 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2002 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

    دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا تۈزىتىلدى)

    1 -باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1- ماددا بۇ قانۇن سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 -ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ بايلىقى يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    3- ماددا سۇ بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. سۇ بايلىقى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆلى ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياساپ باشقۇرغان سۇ ئامبىرىدىكى شۇ سۇدىن يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى پايدىلىنىدۇ.

    4- ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تىزگىنلەش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، سۇ بايلىقىنىڭ كۆپ خىل رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تۇرمۇشقا، ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەتكە ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كېرەكلىك سۇنى ئوبدان تەڭشەش لازىم.

    5 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

    6 -ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ بايلىقىنى قانۇن بويىچە ئېچىش ۋە پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. سۇ بايلىقىنى ئاچقان، پايدىلانغان ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

    7- ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىدا سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. لېكىن، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ كۆل ۋە سۇ ئامبىرىدىكى سۇنى ئىشلىتىشى بۇنىڭ سىرتىدا. گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقىدىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    8 -ماددا دۆلەت سۇنى قاتتىق تېجەيدۇ، سۇ تېجەش تەدبىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۇ تېجەش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنىرىنى كېڭەيتىپ، سۇ تېجىلىدىغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە مۇلازىمەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ تېجىلىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، سۇ تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، سۇ تېجەش كەسپىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم. ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇ تېجەش مەجبۇرىيىتى بار.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315403181