سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ چېگرىدىن چىقىش - كىرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

       1985 - يىل 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1985 - يىل 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 32 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى

    1 -باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1- ماددا بۇ قانۇن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت چېگرىسىدىن چىقىش - كىرىش ئىشلىرىدىكى ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلدى.

    2 - ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى گوۋۇيۈەننىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى ۋە ئۇلار ھوقۇق بەرگەن ئورگانلار ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئىناۋەتلىك پاسپورت ياكى باشقا ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامىلەر بىلەن چېگرىدىن چىقىدۇ، چېگرىدىن كىرىدۇ، ۋىزا بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش ھاجەتسىز.

    3 - ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرىدىن چىقىش ۋە كىرىشتە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ياكى بەلگىلەنگەن چېگرا ئېغىزىدىن ماڭىدۇ، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    4 - ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرىدىن چىققاندىن كېيىن، ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىگە، شان - شەرىپىگە ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك.

    2 -باب چېگرىدىن چىقىش

    5 - ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى خۇسۇسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن چىقماقچى بولسا، نوپۇسقا ئالدۇرغان جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، بۇ قانۇننىڭ 8 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللار بولمىسىلا تەستىقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

    جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ خۇسۇسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن چىقىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قارار چىقىرىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

    6 - ماددا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چېگرىدىن چىقماقچى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا چېگرىدىن چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئەۋەتكۈچى تارماق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھوقۇق بەرگەن يەرلىك تاشقى ئىشلار تارماقلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ بېرىدۇ.

    7 - ماددا ۋەزىپە ئۆتەش مۇناسىۋىتى بىلەن چېگرىدىن چىقماقچى بولغان دېڭىزچىلارغا چېگرىدىن چىقىش گۇۋاھنامىسىنى پورت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ياكى پورت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ھوقۇق بەرگەن پورت نازارەتچىلىرى ئېلىپ بېرىدۇ.

   1 2 3 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315403091