سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېسىم قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1994 – يىل 8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ماقۇللاندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ئىقتىسادىي ماجىرالارنى ئادىل، ۋاقتىدا كېسىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىسىتىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.

    2 – ماددا باراۋەر سۇبيېكت ھېسابلىنىدىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا تۇغۇلغان توختام ماجىرالىرى ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دائىر باشقا ماجىرالاردا كېسىم قىلىشقا بولىدۇ.

    3 – ماددا تۆۋەندىكى ماجىرالاردا كېسىم قىلىشقا بولمايدۇ:

    (1) نىكاھ، بېقىۋېلىش، ۋەسىيلىك، يار – يۆلەك بولۇش، ۋارىسلىققا دائىر ماجىرالار؛

    (2) قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئورگانلار بىر تەرەپ قىلىدىغان مەمۇرىي تالاش – تارتىشلار.

    4 – ماددا دەۋالاشقۇچىلار ماجىرانى كېسىم شەكلى بىلەن ھەل قىلىشتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى كېرەك. كېسىم كېلىشىمى بولماي تۇرۇپ، بىر تەرەپ كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، كېسىم ھەيئىتى قوبۇل قىلمايدۇ.

    5 – ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ. بىراق، كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    6 – ماددا كېسىم ھەيئىتىنى دەۋالاشقۇچىلار كېلىشىمدە تاللىۋالىدۇ.

    كېسىم قىلىشتا دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە جايلار بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى يولغا قويۇلمايدۇ.

    7 – ماددا كېسىم قىلىشتا ماجىرالار پاكىتقا ئاساسەن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ھالدا ئادىل، مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدۇ.

    8 – ماددا كېسىم ئىشلىرى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارىلاشتۇرۇلمايدۇ.

    9 – ماددا كېسىم قىلىشتا بىر كېسىم بىلەنلا ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار بىر ماجىرا ئۈستىدە قايتا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، كېسىم ھەيئىىتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

    خەلق سوت مەھكىمىسى قارارنى كۈچتىن قالدۇرۇش ياكى ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە قانۇن بويىچە كېسىم چىقارغاندا، دەۋالاشقۇچىلار شۇ ماجىرا ئۈستىدە قايتا ھاسىل قىلغان كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

    2 – باب كېسىم ھەيئىتى ۋە كېسىمچىلەر جەمئىيىتى

    10 – ماددا كېسىم ھەيئىتى بىۋاسىتە قاراشلىق، شەھەرلىك، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەرلەردە تەسىس قىلىنسا بولىدۇ، مەمۇرىي رايون بويىچە ئايرىلغان قاتلاملاردا تەسىس قىلىنماستىن، ئەھۋالغا قاراپ، رايون تەسىس قىلىنغان باشقا شەھەرلەردە تەسىس قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

    كېسىم ھەيئىتىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە سودا جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ بىر تۇتاش قۇرۇپ چىقىدۇ.

    كېسىم ھەيئىتى تەسىس قىلىشتا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلىدۇ.

    11 – ماددا كېسىم ھەيئىتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:

    (1) ئۆزىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

    (2) زۆرۈر مال – مۈلكى بولۇش؛

    (3)شۇ ھەيئەتنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار بولۇش؛

    (4) تەكلىپ قىلىنغان كېسىمچىلەر بولۇش.

    كېسىم ھەيئىتىنىڭ نىزامنامىسى مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن تۈزۈپ چىقىلىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315402911