سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1999-يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 23 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

    1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1-ماددابۇ قانۇن مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مېتېئورولوگىيىلىك ئالدىن مەلۇماتنى توغرا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، مېتېئورولوگىيىلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، كىلىمات بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مېتېئورولوگىيىلىك مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە مېتېئورولوگىيىلىك تەكشۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە مېتېئورولوگىيىلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش، مېتېئورولوگىيە پەن - تېخنىكا تەتقىقات قاتارلىق پائالىيەتلەردە بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك.

    3- ماددا مېتېئورولوگىيە ئىشلىرى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۇللۇق جامائەت پاراۋانلىق ئىشى، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىدە جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيىلىك مۇلازىمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى مەركەز ۋە يەرلىك تەڭ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ھەم مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ جامائەتكە، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ تۇتۇش قىلىدىغان يەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىشلىرى تۈرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاساسلىقى شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ.

    مېتېئورولوگىيە ئىستانسا - پونكىتلىرى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيىلىك ھەقسىز مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، مېتېئورولوگىيىلىك ھەقلىق مۇلازىمەتنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

    4-ماددا ناھىيىلىك، شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا - پونكىتلىرى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيە ئۇچۇر جەھەتتە ۋاقتىدا، تەشەبۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك

    5-مادداگوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا - پونكىتلىرى تەڭ دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتى جەھەتتىكى يېتەكچىلىكى، نازارەتچىلىكى ۋە ساھە بويىچە باشقۇرۇشىدا بولۇشى لازىم.

    6-ماددامېتېئورولوگىيە كەسپىي پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيە تېخنىكىلىق ئۆلچىمى، قېلىپى ۋە قائىدىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

   1 2 3 4 5 6 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315402881