سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1985 - يىل 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1993 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوغالتىرلىق قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، 1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنىدا تۈزىتىلدى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن بوغالتىرلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋە مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ساقلاش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددادۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شىركەتلەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئورۇنلار دېيىلىدۇ) بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بۇ قانۇن بويىچە بېجىرىشى شەرت.

    3 - ماددائورۇنلار قانۇن بويىچە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى ھەمدە ئۇنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

    4 - ماددائورۇن مەسئۇلى ئۆز ئورنىنىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتى ۋە بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    5 - ماددابوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىدۇ، بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىنى يولغا قويىدۇ.

    ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ بوغالتىرلىق ئاپپاراتى، بوغالتىرلارنى بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىيالىنى ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىۋېتىشكە، ساختا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى سۇنۇشقا ھەر خىل يول بىلەن ئۈندىشىگە، كۈشكۈرتىشىگە ۋە زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنى توسۇغان بوغالتىرلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    6 - ماددابۇ قانۇننى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان بوغالتىرلارغا مەنىۋى ياكى ماددىي مۇكاپات بېرىلىدۇ.

    7 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

    8 - ماددادۆلەت بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمى بويىچە، بوغالتىرلىق ھېساباتى ۋە بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىدە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغان ساھەلەردە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كونكرېت چارىسى ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىسا بولىدۇ.

    جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش ئارقا سەپ بۇسى بۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىگە ئاساسەن، ئارمىيىدە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315402721