سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‏جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇن

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1995 - يىل 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2003 - يىل 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئورنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، دۆلەت پۇل سىياسىتىنىڭ توغرا تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەركىزىي بانكىنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - مادداجۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي بانكىسىدۇر.

    جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، پۇل سىياسىتىنى تۈزىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

    3 - مادداپۇل سىياسىتىنىڭ نىشانى پۇل قىممىتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش.

    4 - مادداجۇڭگو خەلق بانكىسى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

    (1) ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئالاقىدار بۇيرۇق ۋە قائىدىلەرنى ئېلان قىلىدۇ ۋە ئادا قىلىدۇ؛

    (2)پۇل سىياسىتىنى تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ؛

    (3) خەلق پۇلىنى تارقىتىدۇ، خەلق پۇلى ئوبوروتىنى باشقۇرىدۇ؛

    (4) بانكىلار ئارا كەسىپداشلار ئۆتنە بازىرى ۋە بانكىلار ئارا زايوم بازىرىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛

    (5) تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛

    (6) ئالتۇن بازىرىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛

    (7) دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى، ئالتۇن زاپىسىنى ئىلكىدە تۇتىدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە تىجارەتكە سالىدۇ؛

    (8) دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرىدۇ؛

    (9) چىقىم، راسچوت سىستېمىسىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى قوغدايدۇ؛

    (10) پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەبلىغىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

    (11) پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى ستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛

    (12) دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىسى سۈپىتى بىلەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلىگە دائىر پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛

    (13)گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

    جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بۇ قانۇننىڭ 4 - بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە پۇل مۇئامىلە كەسپىي پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315402621