سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خام چوت قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1994 - يىل 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1994 - يىل 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 21 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن خام چوتنىڭ تەقسىم قىلىنىش ۋە نازارەتچىلىك فۇنكسىيىسىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ خام چوت باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلىشىنى كۈچەيتىش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - ماددادۆلەت بىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتە بىر دەرىجىلىك خام چوتنى يولغا قويىدۇ، يەنى مەركەز دەرىجىلىك، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دەرىجىلىك، تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىك، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايون دەرىجىلىك، يېزا، مىللىي يېزا ۋە بازار دەرىجىلىكتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك خام چوت تەسىس قىلىدۇ.

    خام چوت تەسىس قىلىش شارائىتى ھازىرلانمىغان يېزا، مىللىي يېزا ۋە بازارلاردا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېكىتىشى بىلەن ۋاقتىنچە خام چوت تەسىس قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ.

    3 - مادداھەر دەرىجىلىك خام چوتتا كىرىم - چىقىم تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

    4 - ماددامەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ خام چوتى )تۆۋەندە مەركەز خام چوتى دېيىلىدۇ( مەركەز تارماقلىرىنىڭ )جۈملىدىن بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق( خام چوتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

    مەركەز خام چوتى يەرلىكنىڭ مەركەزگە تاپشۇرىدىغان كىرىم سوممىسىنى ۋە مەركەزنىڭ يەرلىككە قايتۇرىدىغان ياكى ياردەم قىلىدىغان سوممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    5 - ماددايەرلىك خام چوت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ باش خام چوتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك باش خام چوت شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خام چوتى )تۆۋەندە شۇ دەرىجىلىك خام چوت دېيىلىدۇ( ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان بىر دەرىجە تۆۋەن باش خام چوتتىن تەركىب تاپىدۇ؛ بىر دەرىجە تۆۋەن خام چوتتا شۇ دەرىجىلىك خام چوتلا بولسا، بىر دەرىجە تۆۋەن باش خام چوت بىر دەرىجە تۆۋەن خام چوتنىڭ شۇ دەرىجىلىك خام چوتىنى كۆرسىتىدۇ. بىر دەرىجە تۆۋەن خام چوت بولمىسا، باش خام چوت شۇ دەرىجىلىك خام چوتنى كۆرسىتىدۇ.

    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خام چوتى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى )بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، تۆۋەندىمۇ شۇنداق( نىڭ خام چوتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خام چوتى تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان كىرىم سوممىسىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە قايتۇرىدىغان ياكى ياردەم قىلىدىغان سوممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    6 - مادداتارماقلارنىڭ خام چوتى شۇ تارماققا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ خام چوتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

    7 - ماددائورۇنلار خام چوتى تارماقلار خام چوتىغا كىرگۈزۈلگەن دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ كىرىم - چىقىم خام چوتىنى كۆرسىتىدۇ.

    8 - ماددادۆلەت مەركەز بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدا باجنى ئايرىش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.

    9 - مادداشۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان خام چوتنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

    10 - ماددايىللىق خام چوت يېڭى كالېندار بويىچە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلىنىپ 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

    11 - مادداخام چوت كىرىم - چىقىمى يۈەن بىرلىك قىلىنغان خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315402421