سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاۋالە قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 50 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن ھاۋالە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، ھاۋالە ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھاۋالە ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددابۇ قانۇندا دېيىلگەن ھاۋالە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىغا بولغان ئىشەنچىسىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىغا ھاۋالە قىلىپ بېرىش، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئۆز نامىدا پايدا ئالغۇچىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ياكى ئالاھىدە مەقسەتتە ئېلىپ بارغان باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - مادداھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى، پايدا ئالغۇچى )تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپ دېيىلىدۇ( جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ھەق تەلەپ ئىشلىرى، تىجارەت ئىشلىرى، جامائەت پاراۋانلىقىغا دائىر ئېلىپ بارغان ھاۋالە پائالىيەتلىرىگە بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

    4 - ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە پائالىيىتى بىلەن ھاۋالە ئاپپاراتى شەكلىدە شۇغۇللانماقچى بولسا، ئۇنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    5 - ماددا ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپ ھاۋالە پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا بويسۇنۇشى، ئىختىيارىي بولۇش، ئادىل بولۇش ۋە سەمىمىي - ئىشەنچلىك بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى شەرت، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا بولمايدۇ.

    2 – باب ھاۋالىنىڭ تەسىس قىلىنىشى

    6 - ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، قانۇنلۇق ھاۋالە مەقسىتى بولۇش شەرت.

    7 - ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا ئېنىق بەلگىلەنگەن ھاۋالە قىلىنىدىغان مال - مۈلۈك بولۇش ھەمدە ھاۋالە قىلىنىدىغان شۇ مال - مۈلۈك ھاۋالە قىلغۇچى قانۇنلۇق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مۈلۈك بولۇشى كېرەك.

    بۇ قانۇندا دېيىلگەن مال - مۈلۈك قانۇنلۇق مال - مۈلۈك ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    8 - ماددا ھاۋالە يازما شەكىلدە تەسىس قىلىنىشى لازىم.

    يازما شەكىل ھاۋالە توختامى، ۋاسىيەتنامە ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا يازما ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ھاۋالە توختام شەكلى بويىچە ھاۋالە تەسىس قىلىشتا ۋە ھاۋالە توختامى تۈزۈلگەندە ھاۋالە شەكىللىنىدۇ. باشقا يازما شەكىل بويىچە ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالىغا ماقۇل بولغاندا ھاۋالە شەكىللىنىدۇ.

    9 - ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، ئۇنىڭ يازما ماتېرىياللىرىدا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى لازىم:

    (1)ھاۋالە مەقسىتى؛

    (2) ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى، تۇرار جايى؛

    (3) پايدا ئالغۇچى ياكى پايدا ئېلىش دائىرىسى؛

    (4)ھاۋالە قىلىنىدىغان مال - مۈلۈكنىڭ دائىرىسى، تۈرى ھەمدە ئەھۋالى؛

    (5)پايدا ئالغۇچىنىڭ ھاۋالە مەنپەئىتىگە ئېرىشىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى.

    ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردىن باشقا ھاۋالە مۇددىتى، ھاۋالە قىلىنغان مال - مۈلۈكنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىغا بېرىلىدىغان ھەق، يېڭى ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچىنى ۋەزىپىگە تاللاش ئۇسۇلى، ھاۋالىنى ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى قاتارلىق تۈرلەر ئېنىق يېزىلسىمۇ بولىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315402281