سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1999 - يىل 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1999 - يىل 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 21 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 - بابئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت مەنپەئىتىنى، جامائەت مەنپەئىتىنى ۋە خېرىدار چاقىرغۇچى، خېرىدار چىققۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، تۈر سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە تۆۋەندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە تۇتۇش قىلىشتا جۈملىدىن ئۇنى چارلاش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىشتا، شۇنىڭدەك قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۈسكۈنە، ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشتا خېرىدار چاقىرىش شەرت:

    (1) چوڭ ئۇل ئەسلىھە، جامائەت ئىشى قاتارلىق جامائەت مەنپەئىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر؛

    (2) مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى دۆلەت سالىدىغان ياكى يۈرۈشتۈرىدىغان تۈرلەر؛

    (3) خەلقئارا تەشكىلات ياكى چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز پۇلى، ياردەم مەبلىغى ئىشلىتىلىدىغان تۈرلەر.

    ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن تۈرلەرنىڭ كونكرېت دائىرىسى ۋە كۆلەم ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات - پىلان تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

    قانۇن ياكى گوۋۇيۈەننىڭ جەزمەن خېرىدار چاقىرىدىغان باشقا تۈرلەرنىڭ دائىرىسى ھەققىدە بەلگىلىمىسى بولغانلىرىدا شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

    4 - ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قانۇن بويىچە جەزمەن خېرىدار چاقىرىدىغان تۈردە پارچىلاش شەكلى ياكى باشقا ھەر قانداق شەكىلنى قوللىنىپ، خېرىدار چاقىرىشتىن باش تارتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    5 - ماددا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىدە ئاشكارا، لىللا، ئادىل، سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

    6 - ماددا قانۇن بويىچە جەزمەن خېرىدار چاقىرىدىغان تۈردىكى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتى رايون ياكى تارماق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ شۇ رايون ۋە شۇ سىستېمىنىڭ سىرتىدىكى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خېرىدار چىقىشىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكلىشىگە ياكى چەتكە قېقىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە ھەرقانداق شەكىل بىلەن قانۇنسىز ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    7 - ماددا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتى ۋە بۇ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن بويىچە قىلىنىدىغان نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    ئالاقىدار مەمۇرىي نازارەتچىلىك تارماقلىرى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

    خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە بولغان مەمۇرىي نازارەتچىلىكنى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315402051