سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەك - ھۆججەت قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1995 - يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 - يىل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەك - ھۆججەت قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن چەك - ھۆججەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەك - ھۆججەت پائالىيىتى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى چەك - ھۆججەت پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەك - ھۆججەت پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - ماددا چەك - ھۆججەت پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش لازىم. جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

    4 - ماددا چەك - ھۆججەت كەسكۈچى چەك - ھۆججەت تەييارلاشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە چەك - ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى ھەمدە ئۇنىڭغا يېزىلغان تۈرلەر بويىچە چەك - ھۆججەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

    چەك ئىگىسى چەك - ھۆججەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە چەك - ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى ھەمدە چەك - ھۆججەتنى كۆرسىتىشى كېرەك.

    چەك - ھۆججەت پائالىيىتىدىكى باشقا قەرزدارلاردىن چەك - ھۆججەتكە ئىمزا قويغان، تامغا باسقانلىرى چەك - ھۆججەتكە يېزىلغان تۈرلەر بويىچە چەك - ھۆججەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەك - ھۆججەت ھوقۇقى چەك ئىگىسىنىڭ چەك - ھۆججەت قەرزدارىدىن چەك - ھۆججەتتىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەك - ھۆججەت جاۋابكارلىقى چەك - ھۆججەت پائالىيىتىدىكى قەرزدارنىڭ چەك ئىگىسىگە چەك - ھۆججەتتىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    5 - ماددا چەك - ھۆججەت ئالاقىدارلىرى ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىسىگە چەك - ھۆججەتكە ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ ھەمدە چەك - ھۆججەتكە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

    ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى يوق تۇرۇپ، ۋاكالەتچى نامىدا چەك - ھۆججەتكە ئىمزا قويغان، تامغا باسقانلار چەك - ھۆججەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ۋاكالەتچىلەردىن ۋاكالەتچىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىرى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن قىسمىنىڭ چەك - ھۆججەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

    6 - ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلارنىڭ چەك - ھۆججەتكە قويغان ئىمزاسى، باسقان تامغىسى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن ئۇ باشقا ئىمزا، تامغىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

    7 - ماددا چەك - ھۆججەتتىكى ئىمزا ۋە تامغا قويۇلغان ئىمزانى، بېسىلغان تامغىنى ياكى ئىمزا بىلەن تامغىنى كۆرسىتىدۇ.

    قانۇنىي ئىگىلەر ۋە چەك - ھۆججەت ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇنلارنىڭ ئىمزاسى، تامغىسى شۇ قانۇنىي ئىگىنىڭ ياكى ئورۇننىڭ تامغىسى بىلەن ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ھوقۇق بەرگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىمزاسى، تامغىسىنى كۆرسىتىدۇ.

    چەك - ھۆججەتتىكى ئىمزا ئالاقىدار شۇ كىشىنىڭ ئۆز ئىسمى بولۇشى كېرەك.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315401471