سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    2004 - يىل 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىكخەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنىدا تۈزىتىلدى، 2004 - يىل 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا تەرتىپىنى قوغداش، تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلدى.

    2 - ماددابۇ قانۇن تاشقى سودا ھەم تاشقى سودىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاشقى سودا - مال ۋە تېخنىكىنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش ۋە خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ تاشقى ئىقتىساد سودىغا مەسئۇل تارمىقى بۇ قانۇنغا ئاساسەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاشقى سودا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    4 - ماددادۆلەت بىرلىككە كەلگەن تاشقى سودا تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تاشقى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئادىل، ئەركىن تاشقى سودا تەرتىپىنى قوغدايدۇ.

    5 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن، باشقا دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى كېلىشىمى، ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمى قاتارلىق رايون ئىقتىسادىي سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ. رايون ئىقتىسادىي تەشكىلاتىغا قاتنىشىدۇ.

    6 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى سودا جەھەتتە ئۆزلىرى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە، كېلىشىملەرگە ئاساسەن، شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزۈشكەن، ئۇنىڭغا قاتناشقان باشقا تەرەپلەرنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئېتىبار بېرىدىغان دۆلەت تەمىناتى ياكى ئۆزئارا ئېتىبار بېرىش، باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن قارشى تەرەپنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەت تەمىناتى ۋە مىللىي تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

    7 - مادداھەرقانداق دۆلەت ياكى رايون سودا جەھەتتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كەمسىتىش خاراكتېرلىك مەنئىي قىلىش تەدبىرى، چەكلەش تەدبىرى ياكى باشقا خىلدىكى تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، شۇ دۆلەتكە ياكى شۇ رايونغا مۇناسىپ تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315401301