سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېكسىل قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1995 – يىل 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنىدا ماقۇللاندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ۋېكسىل ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ۋېكسىل پائالىيىتى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ۋېكسىل پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسىل پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا ۋېكسىل پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش لازىم. جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

    4 – ماددا ۋېكسىل كەسكۈچى ۋېكسىل تەييارلاشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە ۋېكسىلغا ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى ھەمدە ئۇنىڭغا يېزىلغان تۈرلەر بويىچە ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

    ۋېكسىل ئىگىسى ۋېكسىل ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋېكسىلغا ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى ھەمدە ۋېكسىلنى كۆرسىتىشى كېرەك.

    ۋېكسىل ئىگىسى ۋېكسىل ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋېكسىلغا ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى ھەمدە ۋېكسىلنى كۆرسىتىشى كېرەك.

    ۋېكسىل ئىگىسى ۋېكسىل ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋېكسىلغا يېزىلغان تۈرلەر بويىچە ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسىل ھوقۇقى ۋېكسىل ئىگىسىنىڭ ۋېكسىل قەرزدارىدىن ۋېكسىدلىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسىل جاۋابكارلىقى ۋېكسىل پائالىيىتىدىكى قەرزدارىدىن ۋېكسىلدىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسىل جاۋابكارلىقى ۋېكسىل پائالىيىتىدىكى قەرزدارنىڭ ۋېكسىل ئىگىسىگە ۋېكسىلدىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىشى مەجبۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    5 – ماددا ۋېكسىل ئالاقىدارلىرى ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىسىگە ۋېكسىلغا ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ ھەمدە ۋېكسىلغا ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

    ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى يوق تۇرۇپ، ۋاكالەتچى نامىدا ۋېكسىلغا ئىمزا قويغان، تامغا باسقانلار ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ۋاكالەتچىلەردىن ۋاكالەتچىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىرى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن قىسىمنىڭ ۋېكسىل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315401091