سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: قانۇن تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-20

    1984 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 55 - ماددىسىدىكى «ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر. قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىدۇر» دېگەن بەلگىلىمىگە ۋە باشقا ئالاقىدار ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلىك بىلەن ئىختىيارىي ئەسكەرلىك، خەلق ئەسكەرلىك بىلەن زاپاس ھەربىيلىك ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ھەربىي خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

    3 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ مىللىتى، ئىرقى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى ۋە بىلىم دەرىجىسىگە قارىماي، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بار.

    جىسمانىي جەھەتتە ئېغىر نۇقسانى بولغانلىقى ياكى ئېغىر مېيىپ بولغانلىقى سەۋەبلىك ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە لاياقەتلىك بولمىغانلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن خالىي قىلىنىدۇ.

    قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    4 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىىڭ قوراللىق كۈچلىرى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىن، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

    5 - مادداھەربىي خىزمەت رەسمىي ۋە زاپاس دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدە رەسمىي خىزمەت ئۆتەۋاتقانلار رەسمىي ھەربىيلەر دەپ ئاتىلىدۇ؛ خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈلگەن ياكى رويخەتكە ئېلىنىپ زاپاس ھەربىيلىك خىزمىتى ئۆتەۋاتقانلار زاپاس خادىملار دەپ ئاتىلىدۇ.

    6 - ماددارەسمىي ھەربىيلەر بىلەن زاپاس خادىملار ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىققا كەلگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەندىن باشقىلىرى ھەربىي ئۇستاپتا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

    7 - ماددارەسمىي ھەربىيلەر ئارمىيىنىڭ ئۇستاپىغا ۋە نىزامىغا رىئايە قىلىپ، ئۆز ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇپ، ۋەتەننى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىشقا ھەرقاچان تەييار تۇرۇشى كېرەك.

    زاپاس خادىملار بەلگىلىمە بويىچە ھەربىي تەلىمگە قاتنىشىشى، ئارمىيىگە، جەڭگە قاتنىشىپ، ۋەتەننى قوغداشقا ھەرقاچان تەييار تۇرۇشى كېرەك.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315400891