جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  قانۇن تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-20 11:25:56

    2000 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2000 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 37 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەمدە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر، رايونلار ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - ماددابۇ قانۇندا دېيىلگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - ماددادۆلەت پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويىدۇ.

    4 - مادداپۇقرالار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

    دۆلەت پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

    5 - ماددادۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

    6 - ماددادۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، بېيىتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

    7 - ماددادۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئىشىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

    8 - مادداھەممە مىللەت ئۆز تىل يىزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

    ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.