جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  قانۇن تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-20 11:05:59

    2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 31 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ قانۇن قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىشتا تەتبىقلىنىدۇ.

    گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قائىدىسىنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

    3 - ماددا قانۇن چىقىرىشتا ئاساسىي قانۇندىكى ئاساسىي پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم.

    4 - ماددا قانۇن چىقىرىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى ۋە ئىززىتىنى ساقلاش كېرەك.

    5 - ماددا قانۇن چىقىرىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىگە خەلقنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

    6 - ماددا قانۇن چىقىرىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى بىلەن مەجبۇرىيىتىنى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق بىلەن جاۋابكارلىقىنى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بەلگىلەش لازىم.