جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇپەتتىشلىك قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  قانۇن تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-20 11:05:59

    1994 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىدا ماقۇللاندى. 1994 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 32 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن دۆلەت مۇپەتتىشلىك - نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ مالىيە - ئىقتىساد تەرتىپىنى قوغداش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - ماددادۆلەت مۇپەتتىشلىك - نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە مۇپەتتىشلىك ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىملىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ كەسپىي مالىيە كىرىم - چىقىملىرى، شۇنىڭدەك بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇپەتتىشلىكنى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان باشقا مالىيە كىرىم - چىقىملىرى، كەسپىي مالىيە كىرىم - چىقىملىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇپەتتىشلىك - نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىدۇ.

    مۇپەتتىشلىك ئورگىنى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مالىيە كىرىم - چىقىملىرى ياكى كەسپىي مالىيە كىرىم - چىقىملىرىنىڭ چىنلىقى، قانۇنغا مۇۋاپىقلىقى ۋە ئۈنۈمى ئۈستىدىن قانۇن بويىچە مۇپەتتىشلىك - نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

    3 - ماددامۇپەتتىشلىك ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە تەرتىپ بويىچە مۇپەتتىشلىك - نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

    4 - مادداگوۋۇيۈەن ۋە ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرىنىڭ خام چوت ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىملىرى توغرىسىدىكى مۇپەتتىشلىك خىزمەت دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    5 - ماددامۇپەتتىشلىك ئورگىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇپەتتىشلىك - نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىمايدۇ.

    6 - ماددامۇپەتتىشلىك ئورگىنى ۋە مۇپەتتىش خادىملىرى مۇپەتتىشلىك ئىشلىرىنى بېجىرگەندە، ئوبيېكتىپ - ئادىل بولۇشى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، پاك، دىيانەتلىك بولۇشى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەك.

    2 – باب مۇپەتتىشلىك ئورگىنى ۋە مۇپەتتىش خادىملىرى

    7 - مادداگوۋۇيۈەندە مۇپەتتىشلىك مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇپەتتىشلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. باش مۇپەتتىش مۇپەتتىشلىك مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى.

    8 - ماددائۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون تەسىس قىلغان شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايون تەسىس قىلمىغان شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرى ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايون رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مۇپەتتىشلىك ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق مەمۇرىي رايوننىڭ مۇپەتتىشلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    9 - ماددايەرلىك ھەر دەرىجىلىك مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مۇپەتتىشلىك ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، مۇپەتتىشلىك كەسپىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇپەتتىشلىك ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكى ئاساس قىلىنىدۇ.

    10 - ماددامۇپەتتىشلىك ئورگىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ مۇپەتتىشلىك باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە مۇپەتتىشلىك ۋاكالەتچى خادىملىرىنى ئەۋەتسە بولىدۇ.

    مۇپەتتىشلىك ۋاكالەتچى مۇپەتتىشلىك ئورگىنىدىن بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن، قانۇن بويىچە مۇپەتتىشلىك خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.