ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  قانۇن تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-20 11:05:59

    1993- يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىيىتى دائىمىي كۆمىتېتىنىڭ 3 - سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان ، 1993 - يىل 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 10 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن جاكارلانغان)

    بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1- ماددا بۇ قانۇن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، ئادىل رىقابەتنى رىغەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش ، ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىنى توسۇش ، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى .

    2 - ماددا تىجارەتچىلەر بازار سودىسدا ئىختىيار قىلىش ، باراۋەر بولۇش ، ئادىل بولۇش ، سەمىمىي بولۇش ، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ، سەمىمىي بولۇش ، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى لازىم .

    بۇ قانۇندا دېيىلگەن ناتوغرا رىقابەت تىجارەتچىلەرنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ ، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ .

    بۇ قانۇندا دېيىلگەن تىجارەتچىلەر تاۋار تىجارەىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئېلىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ( تۆۋەندە تاۋار دېگىنىمىز مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) قانۇنىي ئىگە ، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) قانۇنىي ئىگە ، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ .

    3 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ ، ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىنى توسۇپ ، ئادىل رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم .

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ ؛ قانۇن ، مەمۇرىي نىزاملاردا باشقا تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى بەلگىلەنگەن بولسا ، شۇ بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ .

    4 - ماددا دۆلەت بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشى ئۈستىدىن ئىجتىمائىي نازارەت قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ، قوللايدۇ ۋە قوغدايدۇ .

    دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى قوللىسا ۋە قانات ئاستىغا ئالسا بولمايدۇ

    ئىككىنچى باب ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشى