جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  قانۇن تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-20 11:05:59

    1994 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1994 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ34 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

    1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 -ماددا بۇ قانۇن ئېلان پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېلانچىلىقنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ساقلاش، ئېلاننىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئېلان پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان قىلغۇچى بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان تاۋار تىجارەتچىسى ياكى مۇلازىملىق قىلغۇچى چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزى ساتىدىغان تاۋار ياكى قىلىدىغان مۇلازىملىقنى مەلۇم ۋاسىتە ياكى شەكىل ئارقىلىق بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تونۇشتۇرىدىغان سودا ئېلانىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان ئىگىسى تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئېلاننى ئۆزى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ لايىھىلىگەن، تەييارلىغان، ئېلان قىلغان قانۇنىي ئىگە، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلات ياكى شەخسنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان تىجارەتچىسى ھاۋالە بويىچە ئېلان لايىھىلىگەن، تەييارلىغان ۋە ۋاكالىتەن مۇلازىملىق قىلىدىغان قانۇنىي ئىگە، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلات ياكى شەخسنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان قىلغۇچى ئېلان ئىگىسى ياكى ئېلان ئىگىسى ھاۋالە قىلغان ئېلان تىجارەتچىسى ئۈچۈن ئېلان قىلىپ بېرىدىغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - ماددائېلان چىن، قانۇنلۇق، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

    4- ماددائېلاندا ساختا مەزمۇن بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ، ئېلان ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى ئالداشقا، ئازدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

    5 -ماددا ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان قىلغۇچى ئېلان پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ئادىل، سەمىمىي بولۇشى، ئىناۋەتنى ساقلاش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

    6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىدۇر.